Главная страница ساياھەتچى تور بېتىنىڭ مۇنبىرى Регистрация

Вход

Приветствую Вас Гость | RSS Среда, 2024-04-24, 7:17 PM
[ Новые сообщения-yingi xewerler · Участники-ezalar · Правила форума · Поиск-izdesh · RSS ]
  • Страница 1 из 1
  • 1
Модератор форума: Sayahetchi  
Форум * Munber » Ezimetler - Персоны » Ataqliq uyghurlar » Babur (Impirator Babur shah)
Babur
toramДата: Четверг, 2007-10-18, 9:20 PM | Сообщение # 1
Рядовой
Группа: Пользователи
Сообщений: 1
Статус: Offline

ئىمپىراتۇر بابۇر شاھ

مۇھەممەت زەھىررىدىن بابۇر شاھ

سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر << تارىخى رەشىدى >> نىڭ يازغۇچىسى مىرزە ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە( چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم ، سۇلتان سەئىدى خاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەتخان ، مىزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇس خاننىڭ ئەۋلاتلىرى ) بولغان ، ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئۇلۇغ << بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى >> نىڭ قۇرغۇچىسى ، ئىمپىراتۇر ، ئىمانى كامىل مۇسۇلمان سەركەردە ، دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يىزىپ چىققان پادىشاھ مۇھەممەت زۆھۈرىددىن بابۇر 1483 - يىلى ھازىرقى ئۆزبىگىستان جۇمھىريىتىنىڭ فەرغانە ۋىلايىتىدە دۇنياغا كەلگەن .
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى . 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۈركى قەۋىمدىن بولغان تۆمۈرلەڭ بۇ رايۇنلاردىمۇ ئارمىيە تەشكىللەپ << تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى >> نى قۇردى . بابۇر تۇمۇرلەڭنىڭ 6 - نەۋرىسى ئىدى .

بابۇر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ بۇۋىسى ئاقساق تۆمۈر

نەسەبى --- بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈر .

بۇيۇك تېمۇرىيلەر سۇلالىسى


بايرىقى

مىلادى 1368 - يىلىدىن 1501 - يىلىغىچە ھۆكۈم دەۋىر سۈرگەن

خانىلق تىرىتورىيىسى

1494 - يىلى ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمدىلا 11 ياش كىرىپ تۆت ئاي ئاشقان بابۇر پەرغانە رايۇنىغا پادىشاھى بولۇپ قالىدۇ . بۇ ھەقتە بابۇر بابۇرنامىنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدا مۇنداق گۇۋالىق بىرىدۇ :<< سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسە پالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بىشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسەن توققۇزدا ( يەنى مىلادى 1494 - يىلى ئىيۇندا ) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم >> . بۇ ۋاقىت دەل پارچىلانغان تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ مىرزىلىرى ئۆزلىرى ئىگەللەپ تۇرغان زىمىنلاردا ئۆزلىرىنى پادىشاھ دەپ ئىلان قىلىپ ، ئۆز - ئارا زىمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان ، شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىمىن كىڭەيتىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن - كۈنگە زورۇيۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ زىمىنلارغا چاڭ سىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى .

كىچىكىدىنلا ئات مىنىش ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ، بىلىمگە ھىرىسمەن ، كىتاپخۇمار، سۆزگە ئۇستا بابۇر تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا پەرغانە ۋىلايىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ 1501 - يىلى پەرغانىدىن ئاتلىنىپ سەمەرقەندنى ئېلىقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ لىكىن كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە ياردەمسىز قىلىپ شەيبانىخاننىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا تەڭ كىلەلمەي بۇ رايۇندىن چىكىنىپ 1504 - يىلى كابول( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى ) ۋە غەزنىنى ئىشخال قىلدى . كابولنى ئىشغال قىلغان چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تۇرقىدىن باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش شاھزادە بابۇر كابۇلنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ قوشۇنىنى بارغانسىرى زورايتتى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىغا قانداق ھۆكۇمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانداق كىڭەيتىش توغرىسىدا چوت سوقۇشقا باشلايدۇ .

Добавлено (Сегодня, 9:15 Pm)
---------------------------------------------
بىلىمگە ھىرىسمەن ، كىتاپخۇمار بابۇر

ئۇ 1506 - يىلى ھىراتقا بىرىپ خۇراسان مىرزىلىرى بىلەن شايبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ ، لىكىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ . 1511 - يىلى ئىسمايىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا ، سەمەرقەنىد ، تاشكەند قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ، كېيىن يەنە ئۆزبىكلەرنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك 1513 - يىل كابۇلغا چىكىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ زىمىندىن ئۇمۇدىنى ئۇزگەن بابۇر چۆچەكلەردىكىدەك بايلىقلارغا تولۇپ تاشقان ھىندىستاننى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ۋە ھىندىستانغا يۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەنجاپقا تۆت قىتىم ھۇجۇم قىلىدۇ ، شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ شەرت - شارائىتى بابۇر ئۈچۈن تولىمۇ قولاي ئىدى . دىھلى ھۆكۈمدارى ئىبراھىم لودى تولىمۇ قاتتىق قول بولۇپ ئەمەلدارلىرىنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالغان ئىدى . نەتىجىدە ئۇلار قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پىيىغا چۈشكەن ئىدى .پەنجاپنىڭ قۇدرەتلىك ھاكىمى دەۋلەتخان لودىي ۋە سۇلتاننىڭ نەۋرە تۇققىنى ئەلەمخانلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن بابۇر 1525 - يىلى ھىندىستانغا بەشىنچى قىتىم يۈرۈش قىلىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ساتقۇن چىقىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بابۇر ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا بەجبۇر بولىدۇ . دەۋلەتخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ ( كۆپ ئۆتمەي ئۆلىدۇ ) پەنجاپ بابۇر ئۈچۈن قولاي ئولجىغا ئايلىنىدۇ ، شۇنداق قىلىپ بابۇر يىڭى دىھلىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ .

بابۇرنىڭ پەنجاپنى ئېلىپ يىڭى دىھلىغا قىلغان يۈرۈش جەريانى

Добавлено (Сегодня, 9:16 Pm)
---------------------------------------------
1526 - يىلى ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاران 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنپەتتە ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ( ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق جەڭ پىللىرى بار ) بىلەن جەڭ قىلىدۇ . مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بابۇر ئاۋال پەنپەت قەلئەسىنى ئىگەللەپ ئەسكەرلىرىنى قەلئە يىنىدىكى خەندەكلەرگە ۋە ئورمانلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئوتتۇرىسىغا بولسا ئوغۇر توپ بىكىتىلگەن 700 گە يىقىن ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئىبرايىم لەشكەرلىرى ۋە پىللىرى ھەممىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەلپازى بىلەن قۇيۇندەك ھوجۇمغا ئېتىلىپ كېلىشى بىلەن بابۇر 700 توپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سىلىپ ئوق ئۈزۈدۇ . جەڭ مەيدانى ئىس تۈتەكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ . ئىبرايىمنىڭ مىڭدىن ئوشۇق پىلى ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇشۇپ تەرەپ - رەتەپكە قاچىدۇ . شۇ ۋاقىتتا بابۇرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە قورشىۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل قاتتىق جەڭدىن كىيىن ئالدى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىبرايىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى بىتچىت بولىدۇ ، ئىبرايىممۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىدۇ . 1529 - يىلىدىكى بىرقانچە قىتىملىق جەڭدىن كىيىن پۇتۇن ھىندىستان ( ھازىرقى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ شىمالىنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالىدۇ . 1526 - يىلى دىھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەدە ئۆز نامىغا خۈتبە ئوقۇتۇشى بىلەن بۇ كەل زىمىندا 1761 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ تارىختا << بابۇرىيلەر سۇلالىسى >> دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ .

لېكىن بابۇرنىڭ ھىندىستاندا دكلەت قۇرۇش ىىيالىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى چۈشەنمەيدۇ . نۇرغۇن ۋەزىرلەر ۋە سەركەردىلەر بابۇرغا :<< ھىندىستاندا يا ياىشى ئات ، كۆندۈرۈلەەن ئىت بولمىسا ، يا ئۈزۈم ، قوغۇن ، يۇمشاق نان يا سۈزۈك بولاق ، كەڭ يايلاق بولمىسا بۇ يەردە دۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار ؟>> دىيىشىدۇ . چۇنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ ئەۈنۇپ قالغان تۈركلەر ۋە ئااغان ، پارىسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ھىندىستانغا ماكانلىشىپ قىلىشنى خالىمايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىەە ھىندىستان ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا ، شەھەر يىزىلار ناھايىتى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىدى .

<< ھىندىستاندا بىپايان كەڭ زىمىن ۋە ئەسىرلەي بويى توپلانغان بايلىق بار . بولۇپمۇ مىڭلىغان - ئۇنمىڭلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار _ دىدى بابۇر ، - بىز مۇشۇ كىشىلەرەە تايىنىپ باي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز . شۇنىڭ بىلەن ھال - كۈنىمىزمۇ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .>> ئۇ شۇنداق دەپ پۇتۇن قوشۇندىكى سەركەردە ئەسكەرلەرگە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى . ئاندىن كېتىشنى خالايدىغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغان بىلەن ئىشلەۋەردى . ئۇنىڭ سىياسىتىنى قول ئاستىدىكىلەر ئاخىرى چۈشەندى . شۇنىڭ بىلەن بابۇرىيلار سۇلالىسى ھىدىستاندا تىزلا مۇستەھكەملەندى . ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەكبەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگە كەلگەندە بابۇرىيلار سۇلالىسى ئومۇمى يۈزلۈك روناق تاپىدۇ ئىمپىرىيىنىڭ تىرىتورىيىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ .Content-Disposition: form-data; name="smiles_on"

1

Добавлено (Сегодня, 9:17 Pm)
---------------------------------------------
بابۇرىيلار سۇلالىسىنىڭ بايرىقى


مىلادى 1526 - يىلىدىن 1858 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن .خانلىق خەرىتىسى ( سىرىق بويالغان زىمىن ، 2 مىليۇن 700 مىڭ كۇئادىرات كىلومىتىر )

بابۇرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە

بابۇر 1530 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۇنى ھىندىستاندا 48 يىشىدا ۋاپات بولىدۇ . بابۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا << ھۇمايۇننامە >> مۇنداق تەپسىلاتلار بار . 1530 - يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولىدۇ . قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار بانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ . ئاۋغۇست ئېيىدا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە تەخىت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ھەققىدە خەۋەر كىلىدۇ . ھۇمايۇننى دەريا بىلەن ئەگرە شەھىرىگە ئېلىپ كىلىدۇ . بابۇر تىۋىپلارنىڭ داۋالاشلىرى كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :<< ھۇماييۇننىڭ ئورنىغا مىنىڭ جىنىمنى ئال >> دەپ ئاللاغا چىن قەلبىدىن مۇناجەت قىلىدۇ . يىقىنلىرىنىڭ << كوھى نۇر >> ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىدۇ . ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ :<< مەنكى بابۇر جىسمى جانىمنى ھۇمايۇنغا بەىشەندە قىلدىم >> دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلايدۇ . گۈلبەدەن بىگىمنىڭ يىزىشىچە ، شۇ كۈندىن تارتىپ ھۇمايۇننىڭ كىسىلى ياىشىلىنىشقا باشلاپ ، بابۇرنىڭ مىجەزى بۇزۇلىدۇ . بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ، ۋە 1530 - يىلى 26 دىكابىر 48 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

بابۇرنىڭ ئەگرەدىكى قەبرىسى

بابۇرنىڭ تەخىت ۋارىسى ، ئوغلى ئىمپىراتۇر ھۇمايون

بابۇرنىڭ نەۋرىسى ئەكبەر

بابۇر ئىمپىرىيىسى تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ . بۇ مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ فىيۇداللىق مەدىنىيىتى تۈرك ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە تىخمۇ بىيىدۇ ۋە يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . بۇ تەسىر تىل ، ئەدەبىيات ، بىناكارلىق ، رەسساملىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىلا ئەمەس ، ھىندى خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھازىرقى ھىندى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتار تۈگمىلىك چاپان ۋە پاقالچىكىگە يىپىشىپ تۇرىدىغان تار پۇشقاقلىق ئىشتان قاتارلىق مىھمانلىق كىيىملىرى ھىندىستاندەك ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولماستىن بەلكىم بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىملىرىگە تەقلىت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەن .

تامام

پايدىلانمىلار -- << بابۇرنامە >> ، << چەتئەل تارىخىغا ئائىت ھىكايىلەر >> ۋە << يۇلتۇزلۇق تۈنلەر >> قاتارلىق

Добавлено (Сегодня, 9:18 Pm)
---------------------------------------------
Impiratur babur shah

Muhemmet zehirridin babur shah

Se'idiye xanliqining qurghuchisi sultan se'idxan we meshhur << تارىخى رەشىدى >> ning yazghuchisi mirze heyder bilen bir newre( chünki baburning anisi qutluq nigar xanim , sultan se'idi xanning atisi sultan exmetxan , miza heyderning anisi xopnigar xanim hemmisi chaghatay ewladidin yunus xanning ewlatliri ) bolghan , aqsaq tömür ewladidin ulugh << بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى >> ning qurghuchisi , impiratur , imani kamil musulman serkerde , dunya tarixida tunji bolup öz tarixini özi yizip chiqqan padishah muhemmet zöhüriddin babur 1483 - yili hazirqi özbigistan jumhiryitining ferghane wilayitide dunyagha kelgen .
13 - Esirning bashlirida , ottura asiya mungghul impiriyisining bir qismi bolup chinggizxanning oghli chaghatay xanning bashqurushida idi . 14 - Esirning otturlirigha kelgende türki qewimdin bolghan tömürleng bu rayunlardimu armiye teshkillep << تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى >> ni qurdi . Babur tumurlengning 6 - newrisi idi .

Babur shahning eng chong buwisi aqsaq tömür

Nesebi --- baburning atisi ömer sheyix mirza , uning atisi ebu se'id mirza , uning atisi sultan muhemmet mirza , uning atisi miranshah mirza , uning atisi aqsaq tömür .

Buyuk témuriyler sulalisi

Bayriqi

Miladi 1368 - yilidin 1501 - yilighiche höküm dewir sürgen

Xanilq tiritoriyisi

1494 - Yili atisi ömer sheyix mirzining tuyuqsiz ölüp kétishi bilen emdila 11 yash kirip töt ay ashqan babur perghane rayunigha padishahi bolup qalidu . Bu heqte babur baburnamining deslepki qurlirida mundaq guwaliq biridu :<< سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسە پالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بىشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسەن توققۇزدا ( يەنى مىلادى 1494 - يىلى ئىيۇندا ) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم >> . Bu waqit del parchilan'ghan tömüriler sulalisining mirziliri özliri igellep turghan ziminlarda özlirini padishah dep ilan qilip , öz - ara zimin we hakimiyet talishiwatqan , shundaqla chaghatay neslidin bolghan xanlarmu imkaniyetning bariche zimin kingeytiwatqan , yene bir tereptin bolsa özbék xani sheybanixan kündin - kün'ge zoruyup ularning qolidiki bu ziminlargha chang siliwatqan dewir idi .

[size=14]

Добавлено (Сегодня, 9:19 Pm)
---------------------------------------------
Kichikidinla at minish , oqya étishqa mahir , bilimge hirismen , kitapxumar, sözge usta babur texitke chiqishi bilenla perghane wilayitini qoghdash üchün jengge atlinishqa mejbur boldi . U 1501 - yili perghanidin atlinip semerqendni éliqa muyesser bolghan bolsimu likin kiyinki qitimliq jengde yardemsiz qilip sheybanixanning kuchluk hujumigha teng kilelmey bu rayundin chikinip 1504 - yili kabol( hazirqi afghanistanning merkizi ) we gheznini ishxal qildi . Kabolni ishghal qilghan chaghda 20 yashqa kirgen turqidin baturluq urghup turidighan yash shahzade babur kabulni tayanch baza qilip turup qoshunini barghansiri zoraytti hemde öz dölitining ziminigha qandaq hökumranliq qilish we uni qandaq kingeytish toghrisida chot soqushqa bashlaydu .

Bilimge hirismen , kitapxumar babur

U 1506 - yili hiratqa birip xurasan mirziliri bilen shaybanixan'gha birlikte taqabil turushqa heriket qilidu , likin muweppiqiyet qazinalmaydu . 1511 - Yili ismayil shahning yardimi bilen buxara , semerqenid , tashkend qatarliq jaylarni igelligen bolsimu , kéyin yene özbiklerning hujumi seweplik 1513 - yil kabulgha chikinidu . Shuning bilen bu zimindin umudini uzgen babur chöcheklerdikidek bayliqlargha tolup tashqan hindistanni élishqa bel baghlaydu we hindistan'gha yurush qilishqa atlinidu . U hindi deryasidin ötüp penjapqa töt qitim hujum qilidu , shu chaghda hindistanning shert - shara'iti babur üchün tolimu qolay idi . Dihli hökümdari ibrahim lodi tolimu qattiq qol bolup emeldarlirini özige qarshi qiliwalghan idi . Netijide ular qandaq qilip bolmisun uning hökümranliqidin qutulushning piyigha chüshken idi .Penjapning qudretlik hakimi dewletxan lodiy we sultanning newre tuqqini elemxanlarning tekliwi bilen babur 1525 - yili hindistan'gha beshinchi qitim yürüsh qilidu . Biraq ularning her ikkilisi satqun chiqip qalidu , shuning bilen babur aldi bilen shularni bir terep qilishqa bejbur bolidu . Dewletxan meghlubiyetke uchraydu ( köp ötmey ölidu ) penjap babur üchün qolay oljigha aylinidu , shundaq qilip babur yingi dihligha qarap yürüsh qilidu .

Добавлено (Сегодня, 9:19 Pm)
---------------------------------------------
Baburning penjapni élip yingi dihligha qilghan yürüsh jeryani

1526 - Yili hindi deryasidin ötüp özining aran 12 ming kishilik qoshuni bilen penpette ibrayimning 100 ming kishilik qoshuni ( ichide mingdin oshuq jeng pilliri bar ) bilen jeng qilidu . Mana mushu halqiliq peytte esker ishlitishke intayin mahir babur awal penpet qel'esini igellep eskerlirini qel'e yinidiki xendeklerge we ormanliqqa orunlashturidu , otturisigha bolsa oghur top bikitilgen 700 ge yiqin harwa orunlashturulidu . Ibrayim leshkerliri we pilliri hemmini yoq qiliwitidighan elpazi bilen quyundek hojumgha étilip kélishi bilen babur 700 topni birla waqitta ishqa silip oq üzüdu . Jeng meydani is tütekler bilen qaplinidu . Ibrayimning mingdin oshuq pili öpür - töpür bolushup terep - retepke qachidu . Shu waqitta baburning atliq qoshunliri ikki tereptin hujumgha ötüp düshmenni muhasire chembiriki ichige qorshiwalidu . Shuning bilen bir mehel qattiq jengdin kiyin aldi keynidin hujumgha uchrighan ibrayimning 100 ming kishilik armiyisi bitchit bolidu , ibrayimmu mushu jengde ölidu . 1529 - Yilidiki birqanche qitimliq jengdin kiyin putun hindistan ( hazirqi pakistannimu öz ichige alidu ) ning shimalini öz idarisi astigha alidu . 1526 - Yili dihli we egreni ishghal qilip bu yede öz namigha xütbe oqutushi bilen bu kel ziminda 1761 - yilighiche höküm sürüp tarixta << بابۇرىيلەر سۇلالىسى >> dep atalghan impiriyining qurulghanliqini jakarlaydu .

Lékin baburning hindistanda dklet qurush iiyalini uning qol astidikiliri chüshenmeydu . Nurghun wezirler we serkerdiler baburgha :<< ھىندىستاندا يا ياىشى ئات ، كۆندۈرۈلەەن ئىت بولمىسا ، يا ئۈزۈم ، قوغۇن ، يۇمشاق نان يا سۈزۈك بولاق ، كەڭ يايلاق بولمىسا بۇ يەردە دۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار ؟>> diyishidu . Chunki ottura asiyaning keng yaylaqlirida at chapturup eünup qalghan türkler we aaghan , parislardin teshkillen'gen qoshun hindistan'gha makanliship qilishni xalimaytti . Uning üstiee hindistan urush weyranchiliqigha uchrighachqa , sheher yizilar nahayiti xaniweyran bolup ketken idi .

<< ھىندىستاندا بىپايان كەڭ زىمىن ۋە ئەسىرلەي بويى توپلانغان بايلىق بار . بولۇپمۇ مىڭلىغان - ئۇنمىڭلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار _ دىدى بابۇر ، - بىز مۇشۇ كىشىلەرەە تايىنىپ باي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز . شۇنىڭ بىلەن ھال - كۈنىمىزمۇ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .>> U shundaq dep putun qoshundiki serkerde eskerlerge özining hindistanda dölet qurush iradisini bildürdi . Andin kétishni xalaydighanlarni yurtigha qayturup qélishni xalaydighan bilen ishlewerdi . Uning siyasitini qol astidikiler axiri chüshendi . Shuning bilen baburiylar sulalisi hidistanda tizla mustehkemlendi . Uning newrisi ekber hökümranliq q

 
Форум * Munber » Ezimetler - Персоны » Ataqliq uyghurlar » Babur (Impirator Babur shah)
  • Страница 1 из 1
  • 1
Поиск:

Copyright MyCorp © 2006 Сайт управляется системой uCoz